Uyghur主要词典
ئادەم بەدىنىدىكى مىكرو ئېلېمېنتلار
领域: خىمىيە بىلىملىرىتۆمۈر، سىنك، مىس، سېلېن، مانگان، مولىبدېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق مىقدارى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تەن ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇلار بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولۇپ قالسىمۇ ئوخشاشلا سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ.
ھاياتلىقنى قامدايدىغان قاندا ئەگەر تۆمۈر كەم بولۇپ قالسا، ئادەم تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەمنىڭ چىرايى تاتىرىدۇ، ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، دائىم چارچايدۇ، باش ئاغرىيدۇ، نەپەس ئېلىش جىددىيلىشىدۇ. سىنك «ھاياتلىقنىڭ ئۇچقۇنى»، چاچ، سۆڭەك، كۆز، جىگەر قاتارلىق ئەزالار ئۈچۈن ئۇ ئىنتايىن مۇھىم. بەدەندە سىنك كەم بولۇپ قالسا بالىلارنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ، جۇغى كىچىك بولۇپ قالىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، جىگەر چوڭلايدۇ، قان ئازلىق، يېتىلىشى تولۇق بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ كېشەن ناھىيىسىدە بىر خىل يەرلىك يۈرەك كېسەللىكى − كېشەن كېسەللىكى يۈز بەرگەن، تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل كېسەللىك سېلېن يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھېموپروتېئىننىڭ ئاساسلىق تەركىبى تۆمۈردىن ئىبارەت. تۆرەلمە ۋە سۆڭەكنى تۈزگۈچى مانگان، بەزى مۇھىم فېرمېنتلارنىڭ تەركىبىنىڭ بىرى بولغان مولىبدېنلارمۇ ئادەم بەدىنىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
ئادەم بەدىنىدە مىكرو ئېلېمېنتلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، تۆمۈر بەك كۆپ بولۇپ كەتسە جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى، ھەتتا يۈرەكتە زەھەرلەش خاراكتېرلىك يىغىلىش كېلىپ چىقىدۇ. سىنك بەك كۆپ بولۇپ كەتسە كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئاشقازان قاناش، بۇرۇن تۇغۇپ قېلىش، بويىدىن ئاجراپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。