Uyghur主要词典
ئاچى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1873 - 1903-يىللىرى ئاچې خەلقىنىڭ گوللاندىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشى. ئاچې سۇماترانىڭ غەربىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە. 1871-يىلى ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە شەرتنامە تۈزۈشۈپ، گوللاندىيە ئالتۇن قىرغاقتىكى تايانچ بازىلىرىنى ئەنگلىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھېسابىغا، ئەنگلىيىنىڭ گوللاندىيىنىڭ ئاچېدا دادىل ھەرىكەت قىلىشىغا قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان. 1873-يىلى 3-ئايدا گوللاندىيە ئاچېغا ھۇجۇم قىلغان، ئاچى خەلقى قەھرىمانلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، يىل ئاخىرىدا، گوللاندىيە ئارمىيىسى خان ئوردىسىنى ئىگىلەپ، كوتارادجانى ئىشغال قىلغان. 1874-يىلنىڭ بېشىدا، گوللاندىيە ئاچېنى قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىسلام دىنى ئۇستازى تېئۇكۇ ئۇمانىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاچى خەلقى پارتىزانلىق ئۇرۇشى تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. 1894-يىلدىن كېيىن، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى مۇداپىئە لىنىيىسىنى چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى تەبىقىدىكى فېئوداللارنى سېتىۋېلىشتەك يېڭى تاكتىكىنى قوللانغاچقا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن. 1899-يىلى تېئۇكۇئۇما جەڭدە قۇربان بولغان. 1903-يىلى، ئاچى سۇلتانى قولغا چۈشۈپ، ئاچېنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى گوللاندىيىگە مەنسۇپلۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن گوللاندىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان تارقاق كۈرەش تاكى 1912-يىلغىچە داۋاملاشقان.