Uyghur主要词典
ئاچىغ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئاچچىق، غەزەپ دەرد، ئەلەم؛ غەم- غۇسسە؛ كۆڭلى غەش، خىرە.
تىلىم ئاچىغ، دىلىم قاتتىغ، ئۆزىم زالىم،
قۇرئان ئوقۇپ، ئەمەل قىلماي يالغان ئالىم.
ئەھمەد يەسەۋىي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
مۇكاپات، تارتۇق، خان - پادىشاھلار تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپات ياكى تارتۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا كۆرسەتكەن خىزمىتى، قىلغان ئىجادىيەت، كەشپىياتلىرى ئۈچۈن، تەنتەربىيىدە ئۇزغۇنلۇقى ئۈچۈن بېرىلگەن نەرسە.
<مۇكاپات> ئەڭ ئومۇمىي.
<ئىنئام> مەلۇم شارائىتتا <ھەدىيە> گە ياتىدۇ.
<شاڭ> خەنزۇچە: 赏
ۋاپا كۆرسەڭ بىراۋدىن بولما لال زادى، ۋاپا قىلدىڭ، ۋاپا بولدى مۇكاپاتى. ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ فېنلاندىيىدە ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ ئىككىنچى بولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 5000 يۈەن مۇكاپات بەرگەنىدى. خام مېۋىدىن لەززەت ئىزدىگەن خامدۇر، ئۇندىن پۇختا ئەمەس، خام سۆز ئىنئامدۇر. باشباي بىر مالچىسىغا بىر ئات ئىنئام قىلغانىكەن. ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇپ بەرگەن خائىنغا شاڭ بەرگەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
روھەن ۋە جىسمانەن قاتتىق قىينىلىش تۇيغۇسى.
قايغۇڭ دېڭىزدەك بولسىمۇ، جاسارىتىڭ بولسا ئۆتىسە. بىز شادلىق يولىدا كۈرەشتۇق، شادلىق يولىدا ئۆلىمىز. شۇڭا بىزنىڭ ئىشىمىزغا قايغۇ - ھەسىرەت ئارىلىشىپ قالمىسۇن. ھەسرەت رەھىم قىلار. بىر دەملىك ئاچچىققا سەۋرى قىلساڭ، بىر ئايلىق ئازاب - ئوقۇبەتتىن خالىي بولىسەن. پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز. ئادەمنى غەم يەيدۇ، تۆمۈرنى نەم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
خان مۇكاپاتى.
خان ماڭا ئاچىق بەردى _ خان ماڭا مۇكاپات بەردى.
1 - 85
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياخشى ئوزۇقلىنىش.
ئۆزۈڭنى ئاچىقلىققا تۇت _ ئۆزەڭنى ياخشى ئوزۇقلاندۇر، ئۆزەڭنى ياخشى كۈت.
1 - 85
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاچچىق.
تەمى ئاچچىق بولغان نەرسىلەر.
1 - 86
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قايغۇرماق، ھەسرەت چەكمەك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
مۇكاپات؛ ئاچچىق