Uyghur主要词典
ئابدۇقادىر دامۇللا ھەققىدە قىسسە
领域: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ،خېۋىر تۆمۈر يازغان چوڭ ھەجىملىك، بىئوگرافىك قىسسە بولۇپ، 1990 - يىل 1 - ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ قىسسە ئۇيغۇرلاردىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى، داڭلىق ئالىم، مائارىپچى، ئەدىب ئابدۇقادىر دامۇللىنىڭ شانلىق ھاياتىنى بايان قىلىشقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىقىلماس ئەدەبىي ئابىدە تىكلەشكە بېغىشلانغان. قىسسەدە، ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ قەشقەردە ۋە چەت ئەللەردىكى داڭلىق بىلىم يۇرتىلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، بارلىقىنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ، جۈملىدىن ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىش، ئۇلارنى ساۋاتلىق قىلىپ پەننىي بىلىملەر ئارقىلىق تەربىيلەش، مەرىپەتلىك، يېڭى دەۋر كىشلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بېغىشلىغانلىقى؛ بۇ جەرياندا ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ۋە پۈتكۈل ۋۇجۇدى شەخسىيەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق، غالچىلىق بىلەن بۇلغانغان نادان، جاھىل دىنىي كۈچلەرنىڭ، شۇنىڭدەك چەت ئەل مۇداخىلىچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكلىرىگە، توسقۇنلۇقلىرىغا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە بىمەھەل قازا تاپقانلىقى يېزىلغان. قىسسەدە تارىخىي ۋەقەلىكلەر بىلەن ئاپتورنىڭ بەدىئىي تولۇقلىمىسى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن؛ باش قەھرىماننىڭ ئولۇغلۇقى، تۆھپىسى، پەزىلىتى، پائالىيەتلىرىنىڭ قىممىتى كۆپ تەرەپتىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
قىسقىسى، <ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە> - ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ ياخشى قىسسەلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا خېۋىر تۆمۈرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。