Uyghur主要词典
ئابدۇكەرىم جىلى ئابدۇكەرىم بىننى ئىبراھىم جىلى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
( 1366 - 1406) ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچى شائىر. جىلىدا دۇنياغا كەلگەن. ھايات كەچۈرمىشلىرى ئېنىق ئەمەس. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى كۈشىگە بارغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇستازى شەرەفىددىن ئىسمائىل بىننى ئىبراھىم جەبەرتى بىلەن يەمەندىكى زابىدتا بىر مەھەل تۇرغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ئۇنىڭ 20 خىل ئەسىرى، جۈملىدىن ئىبنى ئەرەبىنىڭ <مەككىدىكى ۋەھىي> گە يازغان ئىزاھاتى ۋە ئۆزىنىڭ <كامىل ئىنسان توغرىسىدىكى كىتاب> ناملىق ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان. ئابدۇكەرىم جىلى ئىبنى ئەرەبىنىڭ ئىدىيىسى ۋە <كامىل ئىنسان> توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ، تەسەۋۋۇپچىلىقنى ۋە پەلسەپە ئىدىيىسىنى ئىپادىلەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆڭۈلدىكىدەك <كامىل ئىنسان> غا تەمسىل قىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلام دۇنياسىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە.