Uyghur主要词典
ئابدۇل ئەزىز
دۇنيا تارىخى
(1876 -1930) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى (1861 - 1876). مەھمۇد Ⅱ نىڭ ئوغلى، ئابدۇل مىجىد (1823 - 1861) نىڭ ئىنىسى. تەختكە چىققاندىن كېيىن بەزى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن ئۇ يولسىزلىق، ئىستىبداتلىق، زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ، ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىپ، چەت ئەلدىن قالايمىقان قەرز ئېلىپ، دۆلەت مالىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن. بۈيۈك ئوسمانچىلىق ۋە ياۋروپانى چەتكە قېقىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1876-يىلى 5-ئايدا يېڭى ئوسمانچىلار قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. شۇ يىلى تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتكەن.