Uyghur主要词典
ئابدۇللا داموللا
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇللا داموللا توقسۇنلۇق، ئۇ 1898 - تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەت باقى ھاجىم دېھقان ئۆلىما بولۇپ، ئوغلى ئابدۇللانى توقسۇن ۋە لۈكچۈندىكى خانلىق مەدرىسلەردە ئوقۇتقان. ئابدۇللا قېتىرقېنىپ ئۆگىنىپ «داموللا» لىق ئېرىشاتنامىسىغا ئېرىشكەن.
ئابدۇللا داموللا 1933 - يىلى تۆمۈر سىلىڭ (تۆمۈر ئېلى) قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا، قەشقەردە تۆمۈر سىلىڭ قوشۇنىدا بولغان. كېيىن قەشقەرگە ۋالىي بولغان، كېيىن خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بىللە بولۇپ، خوجىنىياز ھاجى قوشۇنىنىڭ ھەربىي تەمىنات مەسئۇلى بولغان. 1934 - يىلى يۇرتىغا قايتىپ توقسۇندا جامائەت ئىشلىرى بىلەن بولغان. كېيىن شېڭ شىسەتنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، 1936 - يىلى ئۆلكىلىك مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ كۈنلەردە شىڭ شىسەي ساقچى باشقارمىسىنىڭ پولىك دەرىجىلىك ئەمەلدارى سىيىت ھاجى بىلەن جەنۇىي شىنجاڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1938 - يىلى ئۆلكىلىك تەمىنات نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. 1940 - يىلى 2 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىللە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.