Uyghur主要词典
ئابدۇللا بىننى سارد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىرنىڭ ۋالىيسى. قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئامىر بىننى ئۇئەييى جەمەتىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئىنىكئانىسى بولدى. ياش ۋاقتىدا ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى. مەدىندىە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كاتىب بولغاندا ۋەھىي خاتىرىسىنى ئۆزى بىلگىنىچە ئۆزگەرتكەنلىكىدىن جازالاندى. كېيىن مەككىگە قېچىپ كەتتى. مەككە فەتھى قىلىنغاندا كەچۈرۈم قىلىندى. 642 - يىلى ئەمرو ئىبنى ئاس بىلەن بىرلىكتە مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، مسىرنىڭ ۋالىيسى بولدى. 647 - يىلى قوشۇن باشلاپ داۋاملىق غەربكە يۈرۈش قىلىپ، سبېتلا (ھازىر تۇنسقا تەۋە جاي) نى ئىشغال قىلدى. غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىم قىلىنىشىغا قوشۇن نارازى بولغاچقا، ھەربىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىلىپ، مىسىرغا قايتۇرۇپ كېلىندى. ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولغاندا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، سۈرىيىگە بېرىپ، ئۆزىنى مۇئاۋىيەنىڭ قوينىغا ئاتتى. ئاسكالوندا ئالەمدىن ئۆتتى.