Uyghur主要词典
ئابدىمىلىك پىلىسى
بىئولوگىيە
ئەسلى ماكانى ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالى بولغاچقا <ھىندى پىلىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھاشاراتلار سىنىپى تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتى، ئاتتاكۇسلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. لىچىنكىسىنىڭ بەدىنى ئاق، سېرىق ياكى كۆكۈچ رەڭلىك. قارا داغلىرى بولىدۇ ياكى بولمايدۇ، يېتىلگەن تېنىنىڭ قوڭۇر، ئاق نۆۋەتلەشكەن تەڭگىچە تۈكلىرى بولىدۇ، قانىتى قارامتۇل رەڭلىك، سىرتقى شەكلى چۈلۈك پىلىسىگە ئوخشايدۇ. چىشى پەرۋانە چوڭراق، لېكىن ئانتېننىسى كىچىكرەك، قورساق قىسمى توم، سېمىز بولىدۇ. ئەركەك پەرۋانىنىڭ بەدىنى كىچىكرەك، ئانتېننىسى چوڭراق بولىدۇ. قورساق قىسمى ئىنچىكە، قىسقا سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ، تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدۇ. نورمال ھايات شارائىتىدا تۇخۇم دەۋرىنىڭ تەرەققىياتى 8 - 10 كۈندىن ئۆتىدۇ، لىچىنكا دەۋرىنىڭ تەرەققىياتى تۆت قېتىم تېرە تاشلاپ 18 - 20 كۈندىن ئۆتىدۇ، قورچاق دەۋرى 18 - 22 كۈن، پەرۋانە مەزگىلىدىكى ھاياتى 5 - 10 كۈنگىچە داۋاملىشالايدۇ. ئۇ يېتىلىدىغان مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا 22 - 28 سىلتسېيە گرادۇسقىچە بولىدۇ. كۆپىيىشتىن توختاش دەۋرى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇشى يىل بويى توختىماي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. ئابدىمىلىك پىلىسى ئابدىمىلىك يوپۇرمىقىنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ. مانىخوت يوپۇرمىقىنىمۇ يەيدۇ. ئابدىمىلىك پىلىسىنىڭ يىپىكى توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، ھەر كىلوگرامىدىن بەش مېتىردىن ئارتۇق يىپەك توقۇشقا بولىدۇ. قورچىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ ئىستېمال قىلىشقا، جياڭيۇ ياساشقا، بېلىق يېمى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. پىلە مايىقىنى ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ.