Uyghur主要词典
ئابدىمىلىك
بىئولوگىيە
سۈتلۈكئوت ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بىر يىللىق ئېگىز ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ياكى ئىسسىق بەلباغدائۆسىدىغان كىچىك دەرەخ. شېخنىڭ يۇمران قىسمىنى ئاق پاراشوك قاپلاپ تۇرىدۇ، يېشىل ياكى ئاچ بىنەپشە رەڭ بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ يۇمىلاق قالقانسىمان بولۇپ ئۆسىدۇ، دىئامېتىرى 15 - 60 سانتىمېتر بەزىدە 90 سانتىمېتر كېلىدۇ، ئوتتۇراھال ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ، يېرىقچىسى 5 - 11 بولۇپ، تۇخۇمسىمان تۆمۈنە شەكىللىكتىن ئېللىپىس شەكىللىككىچە بولىدۇ، گىرۋىكىدە ھەرە چىشى بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن، گۈلى تاق جىنىسلىق بولۇپ، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. گۈل تاجى بولمايدۇ، كونۇسسىمان گۈل رېتى يوپۇرماققا ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ئاتىلىق گۈلى تۆۋەندە ئۆسىدۇ. غورا مېۋىسى شارسىمان بولۇپ، ئادەتتە يۇمشاق تىكىنى بولىدۇ، ئۈچكە يېرىلىدۇ، ھەر بىر يېرىقىدا بىردىن ئۇرۇقى بولىدۇ. ئۇرۇقى ئۇزۇن ئېللىپىس شەكىللىك، سىلىق، توچكىلىرى بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئۆسىدۇ، سوغۇققا چىدامسىز، كىسلاتا ۋە ئىشقارغا چىداملىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك. ئەسلى ماكانى ئافرىقا بولۇپ جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇرۇقنىڭ تەكىبىدە % 70 ماي بولىدۇ، شۇڭا ئۇ سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ماينىڭ خام ئەشياسى، شۇنداقلا ئەلا سۈپەتلىك سىلىقلاشتۇرغۇچى ماي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئابدىمىلىك مېيىدىن سوپۇن ياساشقىمۇ، مەتبىئەگە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، ئۇ تىبابەتچىلىكتە ئاستا خاراكتېرلىك سۈرگە دورىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىز، غول، يوپۇرماق ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ، نەملىكنى ھەيدەپ يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقىنى ياندۇرۇپ، زەھەر تارقىتىش رولى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنىۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بوتانىكا
سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق شادا غوللۇق ئۆسۈملۈك. <ئىنەكپىتى>مۇ دېيىلىدۇ.