Uyghur主要词典
خۇدا ھەققى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خۇدا ئۈچۈن، خۇدا يولىدا.
خۇدا ھەققى، راستقا ئىشەنسىلە، بار _ يوقى بىر قىزىم بار، _ دەپتۇ جۇۋازچى يالۋۇرۇپ. ئۇنداق بولسا، ۋاللاھى، ئەتە كېلىپ قالار. بۇ گەپنى مەن دېمىدىم، ئىللا _ بىللا مەن دېمىدىم. ئەزبىرايى خۇدا، ئەگەر ماڭا چېقىلىدىغان بولساڭ، كاللاڭنى ئېلىپ قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ماڭا ئىشىنىڭ>، <دېگىنىم راست>، <راستى مۇشۇ> دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ.
- خۇدا ھەققى، شۇ يېشىمدا سىلەرگە يالغان ئېيتىپ نېمە قىلاي - دېدى ئابلا قوغۇنچى ئۇلارغا يېلىنىپ.
ئۆتۈنۈپ قالاي، ئىلتىماس قىلاي، يالۋۇرۇپ سوراي.
گۈزەلئاي قۇلىقىمغا لەۋلىرىنى يېقىپ دېگۈدەك: - خۇدا ھەققى تېزرەك كېتەيلى، مەن ئۇنىڭدىن قورقىمەن؛ مېنى كۆرسە، يەيدىغاندەك قارايدۇ، - دېدى.