Uyghur主要词典
خۇداغا شۈكۈر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خۇداغا تەشەككۈر، خۇداغا رەھمەت. قانائەت قىلغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
خۇداغا شۈكۈر، ھالى _ كۈنىمىز يامان ئەمەس، ئوبدان كېتىۋاتىمىز. ئەلھەمدۇلىللا، ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كېلەرمەن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھاياتتا بىرەر نەرسىدىن مەمنۇن ۋە رازى بولغانلىقىنى، شۈكۈر - قانائەت قىلغانلىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئىبارە: - خۇداغا شۈكۈر، ئۇكام، سىز مېنى، مېنىڭ جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز، - دېدى مەتقۇۋانباي.