Uyghur主要词典
خۇاڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى جيۇزەيگۇ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
خۇاڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى − جيۇزەيگۇ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسى سۇڭفەن، نەنپىڭ ناھىيىلىرى چېگرىسى ئىچىدىكى - نۇرغۇن ئېگىزلىك كۆلى، شارقىراتما ۋە ئۆسۈملۈكلەر مەنزىرىلىرىنى ئاساس قىلغان تەبىئىي مەنزىرىلىك جاي. خۇاڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى ئاپئاق قارلار بىلەن قاپلانغان يۈسۇيشەن تېغىغا قاراپ تۇرىدۇ، جىلغىدا ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشقان رەڭلىك كۆلچەكلەر بار، ئەتراپنى ئاجايىپ رەڭگارەڭ گۈللەر قاپلىغان، جيۇزەيگۇدا پەلەمپەي شەكىللىك يۈزلىگەن رەڭلىك كىچىك كۆللەر، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سانسىزلىغان شارقىراتمىلار، بۇلاق سۇلىرى بىلەن بىرىكىپ، مىسلىسىز گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. بۇنداق مەنزىرە دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ. خۇاڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن جيۇزەيگۇ جىلغىسى يانداش بولسىمۇ، ئېگىز تاغ بىلەن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىككى چوڭ مەنزىرە رايونىدۇر.