Uyghur主要词典
خۇاسى سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى خۇفىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ شۆبىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى مالەيچى قۇرۇپ، 1734 - يىلدىن كېيىن پائالىيەت باشلىغان. 1781 - يىلى دىن ئۈستىدە جەھرىيە بىلەن تالىشىپ قالغان. بۇ سۈلۈك جەھرىيەنى يېڭى مەزھەپ، ئۆزىنى كونا مەزھەپ دەپ ئاتىغان. بۇ سۈلۈك كېيىن جياچىڭنىڭ 8 - يىلى (1803) گەنسۇدىكى لىنشاغا سېلىنغان مالەيچى قەبرىگاھىدىكى خۇاسى گۈمبىزىنىڭ نامى بىلەن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ سۈلۈك دىندا قۇرئان بويىچە يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. زىكر سالغاندا ئالاھىدە بەلگىلىمىسى بار، دىنىي پەرزدىكى ئالاھىدىلىكى ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ مۇتائىلە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ دۇنيالىقنىمۇ تاشلاپ قويماسلىقتىن ئىبارەت. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، بۈۋى فاتىمە، مالەيچى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنىنى دىنىي ئايەم كۈنى قىلىدۇ. گۇاڭشۇينىڭ 21 - يىلى (1895) خې - خۇاڭ ۋەقەسىدىكى تالاش - تارتىشتىن ئىلگىرى بۇ سۈلۈكنىڭ ئادىمى كۆپ، تەسىرى خېلى چوڭ بولغان. كېيىن خۇاسى گۈمبىزى بۇزۇۋېتىلدى. بۇ سۈلۈك خارابلىشىشقا باشلىدى. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى بىر مەھەل روناق تاپتى. ئادەملىرى ئاساسلىق گەنسۇدىكى لىنشاغا ۋە چىڭخەيدىكى شۇنخۇاغا تارقالغان. نىڭشا، شىنجاڭدا ۋە چىڭخەي، گەنسۇدىكى باشقا جايلاردىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان.