Uyghur主要词典
خرىستىئان سوتسىيالىزمى
دۇنيا تارىخى
راھىبلار سوتسىيالىزمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خرىستىئان ئەقىدىلىرىنى سوتسىيالىزم قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدا ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى ئەنگلىيىدىكى مۇرىس، كىنسلېي (1819 - 1875) قاتارلىقلار. ئۇلار خرىستىئان دىنى - ئەمگەكچى خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان دىن، ھەقىقىي سوتسىيالىزم تەلىماتى، دېگەننى تەرغىپ قىلغان، كاپىتالىزمنى تەنقىد قىلسىمۇ، لېكىن ئىنقىلابىي كۈرەشكە قارشى تۇرغان، پەقەت خرىستىئان دىنىنىڭ مېھرىبانلىق، ئۆزئارا ياردەملىشىشكە ئوخشاش ئەقىدىلىرى يولغا قويۇلسىلا ئەمگەكچى خەلقنى بارلىق دەرد ئەلەمدىن خالاس قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. خرىستىئان ئېتىقادىنى ئاساس قىلىپ، كىچىك دائىرىدىكى <ئەمگەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى> نى قۇرشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق سىنىپىي مۇرەسسەنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان.