Uyghur主要词典
خلامىدىيە
بىئولوگىيە
پەقەت ھۈجەيرە ئىچىدىلا پارازىتلىنىدىغان، باكتېرىيە فىلتىرلىگۈچتىن ئۆتۈپ كېتىدىغان، پارازىت ئىگىسىنىڭ ھۈجەيرىسى ئىچىدە يېتىلىپ كۆپىيىدىغان، ئالاھىدە ياشاش دەۋرى بولغان بىر خىل ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىق. ئۇنىڭ رىككېتسىيىلەر بىلەن مەلۇم ئوخشاشلىقى بولغاچقا رېككېتسىيىلەر گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. يەككە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، شارسىمان بولىدۇ، بۆلۈنگەندىن كېيىن توپلىشىپ دۆۋە ياكى زەنجىرسىمان تىزىلىدۇ. ھۈجەيرە پوستى بولىدۇ، تەركىبىدە نۇكلېئىك كىسلاتا ۋە بەزى ئېنىزىملار بولىدۇ. باكتېرىيە تەنچىسىنىڭ دىئامېترى تەخمىنەن 0.2 ~ 0.3 μm كېلىدۇ، گرام مەنپىي بويىلىدۇ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، پارازىت ئىگىسىنىڭ ھۈجەيرىسىدە پارازىتلىنىدۇ ۋە ياشايدۇ، ئېنېرگىيىنى پارازىت ئىگىسىنىڭ ھۈجەيرىسىدىن ئالىدۇ، شۇڭا ئۇ <ئېنېرگىيە ئۈچۈن پارازىتلىنىدىغان جانلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىسسىققا چىدىمايدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىدۇ، ئىككىگە بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ، ئادەم، سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ھۈجەيرىسىگە بىۋاستە كىرىدۇ. مەسىلەن، شاتۇتى قىزىتمىسى خلامىدىيىسى قۇشلاردا شاتۇتى قىزىتمىسى كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە ئادەملەرنىمۇ يۇقۇملاندۇرىدۇ. گلاژكوما خلامىدىيىى ئىنسانلاردا بولىدىغان گلاژكوما كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسىدۇر.