Uyghur←Chinese主要词典
خىمىيىلىك دورا بىلەن داۋالاش
بىئولوگىيە
化学药物治疗
huàxuéyàowùzhìliáo
خىمىيىلىك دورىلاردىن پايدىلىنىپ كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ كېسىلىنى داۋالاش جەريانى. داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك دورىلار خىمىيىلىك ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلىدۇ، جانلىقلار (ئاساسەن مىكرو ئورگانىزملار) مۇ بىرىكتۈرىدۇ ياكى يېرىم بىرىكتۈرىدۇ. ئالدىنقىسى (مەسىلەن، سۇلفانىلامىدلىق دورىلار) خىمىيىلىك ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلىدۇ، كېيىنكىسى (مەسىلەن، ئانتىبىئوتكىلار) مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئېچىتىشى ئارقىلىق بىرىكتۈرۈلىدۇ. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن دورا بولسۇن، ئۇلارغا قويۇلىدىغان ئورتاق تەلەپ تاللاش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولۇشى (پەقەت كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارغا تەسىر قىلىشى، ئادەم ياكى ھايۋانغا زەھەرلىك تەسىرى بولماسلىقى)، ئادەم ياكى ھايۋانغا قوشۇمچە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك.