Uyghur主要词典
خىمىيىلىك دورا بىلەن داۋالاش
领域: بىئولوگىيەخىمىيىلىك دورىلاردىن پايدىلىنىپ كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ كېسىلىنى داۋالاش جەريانى. داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك دورىلار خىمىيىلىك ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلىدۇ، جانلىقلار (ئاساسەن مىكرو ئورگانىزملار) مۇ بىرىكتۈرىدۇ ياكى يېرىم بىرىكتۈرىدۇ. ئالدىنقىسى (مەسىلەن، سۇلفانىلامىدلىق دورىلار) خىمىيىلىك ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلىدۇ، كېيىنكىسى (مەسىلەن، ئانتىبىئوتكىلار) مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئېچىتىشى ئارقىلىق بىرىكتۈرۈلىدۇ. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن دورا بولسۇن، ئۇلارغا قويۇلىدىغان ئورتاق تەلەپ تاللاش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولۇشى (پەقەت كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارغا تەسىر قىلىشى، ئادەم ياكى ھايۋانغا زەھەرلىك تەسىرى بولماسلىقى)، ئادەم ياكى ھايۋانغا قوشۇمچە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。