Chinese→Uyghur主要词典
新柯沙里国
دۇنيا تارىخى
سىنگاسارى دۆلىتى
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ياۋا ئارىلىغا جايلاشقان. قۇرغۇچى كېن ئاڭروڭ (؟ - 1227). ئەسلى كادىرى بەگلىكنىڭ تۇما پېل دېگەن يېرىنىڭ غوجىسى بولۇپ، 1222 - يىلى كادىرى پادىشاھلىقىنىڭ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ياۋانىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىنى ئىگىلەپ، تۇما پېل پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېرتاناگارا تەختتە تۇرغان مەزگىلدە(1268 - 1292) پايتەخت نامىنى سىنگاسارى دەپ ئۆزگەرتىپ، سىنگاسارى دۆلىتىدەپ ئاتالغان. سىۋا دىنى ۋە بۇددا دىنى خوپىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىپ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرمەكچى بولغان. تەخمىنەن 1275 - يىلدىن باشلاپ، <پان مرويو يىراققا يۈرۈش> قىلىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۇماترا ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى، كالىماتاننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى، مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بالى ئارىلى،مادورا ئارىلى، سۇمباۋا ئارىلى ۋە مولۇككا تاقىم ئارىلىنىڭ بىر قىسمىنى بويسۇندۇرغان. 1292 - يىى كادىرى پادىشاھلىق جەمەتىنڭ ئەۋلادى جاياكاتۋان ئاسىيلىق قىلىپ كېرتاناگارىنى ئۆلتۈرۈپ، تەختنى تارتىۋالغان. 1293 - يىلى يۈەن سۇلالىسى ئارمىيسى ياۋاغا بېسىپ كىرگەندە، كېرتاناگارانىڭ كۈيئوغلى رودنى بىدۇيې يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ جاياكاتىۋاننى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئارمىيسىنى قوغلاپ چىقىرىپ مادجاپاشېت دۆلىتىنى قۇرغان.