Chinese→Uyghur主要词典
新格拉纳达总督辖区
دۇنيا تارىخى
يېڭى گرانادا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون
ئىسپانىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەردە تەسىس قىلىنغان مەمۇرىي رايون. 1717 - يىلى (1719 - يىلى پىرو باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇش رايونىدىن ئايرىلىپ، رەسىمىي مۇستەقىل بولغان) قۇرۇلغان. يېڭى گرانادا (بۈگۈنكى كولومبىيە)، كىتو (بۈگۈنكى ئېكۋادور)، ۋېنسۇئېلا ۋە پاناملارنى باشقۇرغان. 1723 - يىلى بىكار قىلىنغان. 1739 - يىلى قايتا قۇرۇلغاندا، كىتو پىرو باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇش رايونىغا ئايرىلغاندىن باشقا، باشقۇرۇش دائىرىسى بۇرۇنقىدەك بولغان. ئۇ يەنە بىر قانچە رايون ۋە ئۆلكىلەرگە بۆلۈنگەن. 1777 - يىلى يەنە ۋېنسۇئېلا گېنېرالىنىڭ باشقۇرۇش رايونى قۇرۇلغان. باش ۋالىي بوگوتادا تۇرغان. باش ۋالىينىڭ ھۆكۈمرانلىقى 1810 - يىلى ئاياغلاشقان، 1819 - يىلى قانۇن جەھەتتىن رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.