Chinese→Uyghur主要词典
希腊内战
دۇنيا تارىخى
گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى
گرېتسيەخەلقىنىڭ ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوراللىق مۇداخىلىسى ۋە ئىچكى ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان. ئىنقىلابىي ئۇرۇشى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گرېتسيە خەلقى كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە فاشىزمغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، 1944 - يىلى پۈتۈن مەملىكەتنى ئازاد قىلغان. شۇ يىلى 01 - ئايدا، ئەنگلىيە قوشۇنى گرېتسىيە قاچاق ھۆكۈمىتىنى ئافىناغا مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغان. 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئەنگلىيە، گرېتسىيە ئەكسىيەتچىلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى قانلىق باستۇرۇپ، <ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان>. 1945 - يىلى 2 - ئايدا، ئەنگلىيە ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش <ۋاركىز كېلىشىمى> نى پىلانلاپ چىقىپ، خەلقنى قورالسىزلاندۇرغان. 1946 - يىلى 3- ئايدا گرېتسىيىدە چوڭ سايلام بولۇپ، خەلق پارتىيىسى غەلىبە قىلىپ، كونىستانتىن سالدارىس (1884 - 1970) باش ۋەزىر بولۇپ، پادىشاھلىق تۈزمىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى گرېتسىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تاغلىق رايونغا يۆتكىلىپ، قوراللىق كۈرەش بىلەن شۇغۇللانغان. دېموكراتىك قوشۇن تەشكىللىگەن ھەمدە ئازاد رايونلاردا گرېتسىيە كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدە ۋاقىتلىق دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرغان. ماركوس بافېئادىس (1906 - ) زۇڭلى قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1947 - يىلى باھاردا، ئامېرىكا <ترۇمىنىزم> نى جاكارلاپ، ئەنگلىيەنىڭ ئورنىنى بېسىپ، گرېتسىيە خەلق قوراللىق كۈچلىرىنى باستۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشقان. 1948 - يىلى 6 - ئايدا گرېتسىيە ھۆكۈمەت قوشۇنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن دېموكراتىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم باشلىغان. كېيىن كومپارتىيىنىڭ ئىچكى بۆلۈنۈشى ۋە خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ تاسادىپىي ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن دېموكراتىك قارشىلق كۆرسىتىش كۈچلىرى پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇۋېتىلگەن.