Chinese→Uyghur主要词典
希腊人民联盟
دۇنيا تارىخى
گرىتسىيە خەلق ئىتتىپاقى
گرىتسىيە پارتىيىسى. 1951 - يىلى 6 - ئايدا سابىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قۇماندانى پاتاگوس (1883 - 1955) <فىرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى> غا تەقلىد قىلىپ قۇرۇپ چىققان. بۇ ئىتتىپاققا ماكېزىنىس رەھبەرلىك قىلغان يېڭى پارتىيە، كانېلوپۇلوس (1902 - ) ۋە سېتپانوپۇلوس (1899 - ) لار رەھبەرلىكىدىكى خەلق بىرلەشمە پارتىيسى، شۇنىڭدەك خەلق پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتناشقان. سانائەت ۋە پۇل - مۇئامىلە چوڭ بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان ھەمدە ئامرىكىنىڭ قولللىشىغا ئېرىشكەن. 1952 - يىلى 11 - ئايدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، 1956 - يىلىغىچە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن. 1955 - يىلى 01 - ئايدا پاپاگوس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كارامانلىس (1907 - ) ئورنىغا چىققان. 1956 - يىلى 1 - ئايدا بۇ پارتىيە مىللىي رادىكاللار ئىتتىپاقى بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان مەزگىلدە سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ئىگىلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، بىر قەدەر مۇستەقىل دىپلوماتىك سىياسەت ئىجرا قىلىنغان.