Chinese→Uyghur主要词典
夏制子
بىئولوگىيە
رېپلىكون
DNA مولېكۇلىسىنىڭ نۇسخىلىنىشى بىر نۇسخىلىنىش بىرلىكى (يەنى نۇسخىلانغۇچ) ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. نۇسخىلىنىشنىڭ باشلىنىشى DNA زەنجىرىگە جايلاشقان بىر نۇسخىلىنىش گېنىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، رېپلىكوندىكى بىر تۈزۈلۈش گېنىنىڭ رەت نومۇرى مەخسۇس بىر خىل ئاقسىل، يەنى باشلىنىش فاكتورى بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە ئىچىدىكى سىگناللارنى سېزىدۇ ھەمدە رېپلىكون DNA نىڭ مۇئەييەن ئورنىدىكى نۇسخلىنىش گېنىنى پەرقلەندۈرۈپ DNA نىڭ نۇسخىلىنىشىنى قوزغايدۇ. ھەقىقىي يادرلۇقلار خروموسوما DNA مولېكۇلىسى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، تەركىبىدە 1000 دانىدىن ئارتۇق نۇسخىلىنىش بىرلىكى بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان باشلىنىش نۇقتىسىدىن بىر ۋاقىتتا قوش يۆنىلىشتە نۇسخىلىنىدۇ، ئۇنىڭ نۇسخىلىنىش سىستېمىسىنىڭ تەڭشىلىپ كونترول قىلىنىش مېخانىزمى چوقۇم مۇرەككەپ بولىدۇ.