Chinese→Uyghur主要词典
夏制
بىئولوگىيە
نۇسخىلىنىش
DNA نىڭ ھەر بىر تال ئەجداد زەنجىرىدىن پۈتۈنلەي ئۆز ئارا تولۇقلاشقان يېڭى ئەجداد زەنجىرىنىڭ سىنتېزلىنىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. DNA جانلىقلار تېنىدە كۆپىنچە يېرىمىنى ساقلاپ قېلىپ نۇسخىلىنىش مېخانىزمىغا ئاساسەن نۇسخىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن زەنجىر يەشكۈچى ئاقسىل قوش بۇرمىنى قىسمەن يېشىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىككى تال ئانا زەنجىرنى ئۈلگە قىلىپ، باشلامچى RNA، MA ++ نىڭ مەۋجۇتلۇقىدا DNA پولىمېرازىسى ئانا زەنجىرىدىكى ئىشقار رادىكاللىرىنى پەرقلەندۈرىدۇ ھەمدە ئۆز ئارا تولۇقلاپ جۈپ تۈزۈپ دې ئوكسى نۇكلېئوزىد ترى فوسفات (dNTP) نى رېتى بويىچە باشلامچى ماددىنىڭ OH - 3 غا قوشۇپ ئۇزارتىدۇ، ھەر بىرىدە بىر پېر فوسفات (P - P) نى قويۇپ بەرگەندە ئەۋلاد زەنجىردە بىر نۇكلېئوتىد ئاشىدۇ، مانا شۇنداق قىلىپ ئۆز ئارا تولۇقلانغان يېڭى ئەۋلاد زەنجىر ھاسىل بولىدۇ. چۈنكى بۇ جەريانىدىكى ھەر بىر ئەۋلادنىڭ بىر تال زەنجىرى ئەجداد DNA سىدىن كېلىدۇ، يەنە بىر تېلى يېڭىدىن سىنتېزلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق نۇسخىلىنىش يېرىمىنى ساقلاپ قېلىپ نۇسخىلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇسخىلىنىش بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى تۇتاشسىز بولىدۇ ھەمدە ئانا زەنجىرىنىڭ كۆپ ئورۇنلىرى يېشىلىپ، بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ نۇرغۇنلىغان ئوكازاك بۆلەك (تەركىبىدە تەخمىنەن 1000 ~ 2000 دانە نۇكلېئوتىد بولىدۇ) لىرى نۇسخىلىنىدۇ، ئوكازاك بۆلەكلىرى ئارىلىقلىرىنى DNA تۇتاشتۇرغۇچى ئېنزىمى تۇتاشتۇرۇپ مۇكەممەل بىر يېڭى زەنجىرگە ئايلاندۇرىدۇ. نۇسخىلىنىش ئۇسۇلى بىر قانچە خىل بولىدۇ: (1) مۇقىم نۇقتىدىن قوش يۆنىلىش بويىچە نۇسخىلىنىش: يەنى مۇقىم نۇقتىدىن باشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم بىر خىلى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىدە نۇسخىلانغاندا 74 - بۆلەك گېن گۇرۇپپىسىدىن باشلىنىپ، .iIV گېن ئورنىغا يېقىنلىشىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىككى يېنىغا قاراپ ئوخشاش تېزلىكتە يۈرۈپ، 25 - بۆلەك trp گېنى ئەتراپىدا توختايدۇ. باشقا باكتېرىيە باكتېرىئوفاگ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەقىقىي يادرولۇقلاردىكى DNA لار پۈتۈنلەي مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە نۇسخلىنىدۇ. (2) مۇقىم نۇقتىدىن تاق يۆنىلىش بويىچە نۇسخىلىنىش. مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە P 2 ۋە ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرە خوندىرىئوسوما DNA سى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە نۇسخىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاق يۆنىلىشتە ئايلىنىپ نۇسخىلىنىش (يەنى ئايلانما شەكلىدە پىرقىراپ) بولۇپ، باكتېرىئوفاگ Φ × 174 نىڭ قوش ھالقا (نۇسخىلىنىش تىپى) لىق DNA سىدە كۆرۈلىدۇ. (3) تاق يۆنىلىشلىك D - ھالقا شەكىللىك: مۇقىم نۇقتىدا قوش زەنجىرلىك شەكلىنىڭ زەنجىرى يېشىلگەندىن كېيىن، ئىككى تال زەنجىرىنىڭ سىنتېزلىنىش تېزلىكى يۇقىرى دەرىجىدە سىممېترىكسىز بولىدۇ، بىر تېلى يۇقىرى تېزلىكتە يېڭى زەنجىر بولۇپ سىنتېزلىنىدۇ، يەنە بىر تېلى ئەركىن ھالەتتىكى تاق ھالقا بولۇپ، بۇ D - ھالقىسى دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىنرەك ئاندىن ئەۋلاد زەنجىر بولۇپ سىنتېزلىنىدۇ. مەسىلەن، خوندىرىئوسوما DNA سىنىڭ نۇسخىلىنىشى مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ.