Uyghur主要词典
خەت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سىزىق، ئىز؛ يېزىق، خەت؛ يېڭى چىققان بۇرۇت، مويلاۋ؛ خەت بەرخەت - سېزىقمۇ - سىزىق؛ خەتتى ئىستىمالەت - چاقىرىق خېتى؛ خەتتى راز - سىرلىق، مەخپى يېزىق؛ خەتتى خەرمان - ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى؛ خەتتى غۇبار - چىرايلىق يېزىش سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى؛ ئاستىغا خەت تارتماق - نامىنى ئۆچۈرمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھال _ ئەھۋال ئېيتىپ ياكى ئەھۋال سوراپ، خەۋەر بېرىپ ياكى پىكىر ئېلىپ مەسىلىھەتلىشىش مەقسىتىدە يېزىلغان قەغەز؛ ھۈججەت.
خەت _ ئەقىلنىڭ سۈرىتى. خەت پۈتۈپ، نامە ئەۋەتتىم يارىم ساڭا، ئوقۇتۇپ ئىلىكىڭگە ئال، مەلۇم بۇلار ھالىم ساڭا.فرانسىيلىك مەشھۇر يازغۇچى ۋولتېر ئۆمرىدە 21 مىڭ پارچە خەت _ مەكتۇپ يازغان. ئۇ خەت يېزىش بويىچە دۇنيا چىمپىيونى. ئامېرىكىلىق كالتەك توپ ماھىرى ھانىك ھاللون بىر يىل ئىچىدە تاماشىبىنلاردىن 900 مىڭ پارچە خەت _ مەكتۇپ تاپشۇرۋالغان. ئۇ خەت تاپشۇرۇۋېلىش بويىچە دۇنيا چىمپىيونى. « مەكتۇپ » ئارخائىزىم بولۇپ قالدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ھەرپلەر، بەلگىلەر سىستېمىسى.
ئۇيغۇر خەلقى تارىختا كۆپ يېزىقلارنى قوللانغان، ئاساسلىقى تۈرك - رونىك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب - پارس يېزىقى ۋە باشقىلار. 1957 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ 13 - سانلىق يىغىنىدا يېزىق ئۆزگەرتىش ۋە يېزىق يارىتىش قارارى ماقۇللانغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خەنزۇچە خەتلەر 06 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئەمما دائىمىي ئىشلىتىدىغانلىرى 3000 - 4000، كىمكى 3000 خەت بىلىۋالسا ساۋاتلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان گرافىك بەلگىلەر، ھەرپلەر سىستېمىسى؛ يېزىق.
خەت يازماق. ئەرەبچە خەت. لاتىنچە خەت.
بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە يېزىلغان تېكىست؛ پۈتۈك.
قەشقەر ئوغلى يازدىم مەن، ئۆچمەس قىلىپ خېتىمنى. ئەسلەر مۇندا كەلگەنلەر، ئابدۇراخمان ئېتىمنى.
بىرەر ئىشنىڭ شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان رەسمىي ھۆججەت.
بىز ئاخىرى مەڭگۈ بىرگە ھايات كۈچۈرۈش ئۈچۈن توي خېتىنىمۇ ئالدۇق. مانا، ئەتە مېنىڭ تويۇم بولىدۇ.
يىراقتىكى كىشىگە بىرەر خەۋەر بېرىش ياكى ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىش مەقسىتىدە ئەۋەتىلىدىغان، بىرەر تېكىست يېزىلغان قەغەز، نامە؛ مەكتۇپ.
خەت ساندۇقى. زاكاز خەت. خەت سالماق.