Uyghur主要词典
خەپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ئەپسۇسلانغان، پۇشايمان قىلغاندا ئېيتىلىدۇ.
ئەتتەڭ، ئۇ كۈنى بارماي خاتا قىلىپتىمەن. نادانغا ئېيتقان ئىست سۆزۈم، ئۆلۈككە يىغلىغان ئىست كۆزۈم. ئىسىت، ئۇنى ئالغان بولسام بوپتۇكەن. بىر ئىسىتتىن بىر ئەقىل قوشۇلار. گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار، ساقالنىڭ تېگىدە خەپ. ئۇنىڭ گېپى يالغانىكەن، خەپ، ئۇنىڭ گېپىگە كىرمىسەم بولغانىكەن. ئاھ دەرىخ، يارىمدىن ئايرىلار بولدۇم. ئاپلا، بۇ يەرگە كەلمىسەم بوپتۇكەن. ئاپلاھۇئەكبەر، سۆزۈڭگە كىرمەي، مۇشۇ ھالغا چۈشتۈم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىم. پۇشايمان، ئەپسۇس ۋە ھەسىرەت - نادامەتنى بىلدۈرىدۇ.
ئوسمان چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، ئەلەم بىلەن: - ۋەزىر ئەزەمنىڭ پەرمانى ئەمەلگە ئاشماي قالدى، خەپ! - دېدى.
يۈك. <توختاپ تۇر>، <قاراپ تۇر>، <ئالدىرىما> دېگەن مەنىلەردە قىستۇرما رولىدا كېلىدۇ.
ئۇ، قىزنىڭ قارىسى پۈتۈنلەي يوقالغاندىن كېيىن: - خەپ، تېخى ساڭا ئۆزۈمنى بىر تونۇتمىسام ھېساب ئەمەس، - دەپ ئۆزىگە شىۋىرلاپ، ئارقىسىغا بۇرۇلدى.