Uyghur主要词典
خەلىپە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
»خەلىپە« ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي ھوقۇق ۋە دىنىي ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ھېسابلىنىدۇ.
مىلادىيە632 - يىلى ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى بولمىغانلىقتىن ئورنىغا كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەچكە، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يېقىن دوستى ۋە قېيناتىسى ئەبۇ بەكرى ۋارىس قىلىپ تەيىنلەندى. ئەبۇ بەكرى ئىلگىرى پەيغەمبەرگە ۋاكالىتەن تەرغىباتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولغاچقا، ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتىدى، بۇ سۆز ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى.634 - يىلى ئەبۇ بەكرى ئالەمدىن ئۆتتى، ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئۇنىڭ يېقىن بۇرادەرلىرىگە: مېنىڭ جەمەتىم ئىچىدە ئورنۇمغا ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئادەم يوق، بىراق مەن ئۆمەرنى ئەڭ ياخشى ۋارىسىم بولالايدۇ دەپ قارايمەن، سىلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئەبۇ بەكرىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنى «ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ خەلىپىسىنىڭ خەلىپىسى» دەپ ئاتىدى. بۇ ئىسىم بەك ئۇزۇن بولغاچقا، ئۆمەر ئۇنى «خەلىپە، ئەمىر. مۆئمىن» گە ئۆزگەرتتى. بۇ ئىسىم ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى، مۇرىتلارنىڭ ھەربىي قوماندانى دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. بۇنىڭ بىلەن، خەلىپە ئىسلام دۆلىتى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ قالدى. ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن خەلىپىلەردىن ئوسمان، ئەلىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تۆت خەلىفە» دەپ ئاتالغان.
مىلادىيە661 - يىلى مۇئاۋىيە خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇمەييە سۇلالىسى (661 −750 - يىللار) نى قۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلىپىلىككە ئەۋلادتىن - ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىدىغان، سايلانمايدىغان بولدى، خەلىپە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھىغا ئايلاندى. كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسى بۆلۈنۈپ كەتكەچكە، بەزى جايلاردىكى سۇلالىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىمۇ خەلىپە دېگەن نامنى قوللانغان.10 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئابباسىيلار سۇلالىسى (750 −1258 - يىللار) نىڭ خەلىپىسى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىپ، دىنىي داھىيلىق ئورنىنىلا ساقلاپ قالغان. ئابباسىيلار سۇلالىسى يوقالغاندىن كېيىن مىسىر سۇلتانى ئابباسىيلار جەمەتىنىڭ ئەۋلادىنى خەلىپە قىلىپ تىكلىگەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە قورچاققا ئايلىنىپ قالغان.1517 - يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، خەلىپىنى تۇتۇپ كەتكەن. كېيىن تۈركىيە سۇلتانى خەلىپىلىكنى قوشۇمچە ئۆتەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي داھىيسىغا ئايلانغان.1924 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچىدىكى Khalifah نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <ۋارىس>، <ۋەكىل> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ نامى. مىلادى 632-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېىن ۋارىسلىققا سايلانغان ئەبۇ بەكرى. يەنى ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى، قىسقارتىلىپ خەلىپە دەپ ئاتالغان. ئەبۇ بەكرى ھەمدە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلىلەر تارىختا <تۆت چوڭ خەلىپە> دەپ ئاتالغان. 661-يىلى مۇئاۋىيە خەلىپىلىكىگە تەيىنلىنىپ ئۇمەيە سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن خەلىپە يەنى ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس قىلىشقا ئايلىنىپ قالغان. كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىپ كېتىپ، بەزى جايلاردىكى سۇلالىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بۇ نامنى قوللانغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى سىياسىي ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ پەقەت دىنىي داھىيلىق ئورنىلا ساقلىنىپ قالغان. 1258-يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسى يوقالغاندىن كېيىن مىسىر مەملۇكلەر سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئابباسىيلار جەمەتىنىڭ ئەۋلادىنى خەلىپە قىلىپ تىكلىگەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە قورچاققا ئايلىنىپ قالغان. 1517-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، خەلىپىنى تۇتۇپ كەتكەن. كېيىن تۈركىيە سۇلتانى خەلىپىلىكىنى قوشۇمچە ئۆتەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي داھىيىسىغا ئايلانغان. 1924-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن خەلىپىلىكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ۋارىس»، «ۋەكىل» دېگەنلىك بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە ئادەم ئەلەيھىسسالام، داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپە ئىكەنلىكى كۆپ يەردە تىلغا ئېلىنغان. خەلىپە دېگەن سۆز مۇنداق ئىككى خىل مەنىگە ئىگە: (1) ئىسلام دىنىدا ھاكىمىيەت ۋە دىن ھوقۇقىنى تۇتىدىغان داھىي كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 632 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۈممەسى ھوقۇق تۇتۇشقا ئەبۇ بەكرىنى سايلاپ، ئۇنى «ئاللانىڭ رەسۇلىنىڭ ۋەكىلى» دېگەن مەنىدە «خەلىپە» دەپ ئاتىدى. سۈننىي مەزھىپى ۋارىسلىق قىلغۇچى قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى ھەمدە ئەبۇ بەكرىنى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلىلەرنى «تۆت چوڭ خەلىپە» دەپ ھۆرمەت قىلىدۇ. شىئە مەزھىپى بولسا ۋارىسلىق قىلغۇچى قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ھاشىم جەمەتىدىن بولۇشى كېرەك. پەقەت ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا شەرىئەتكە لايىق ۋارىسلار بولالايدۇ، دەپ قارىدى. 661 - يىلى مۇئاۋىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ۋە ئۇمەييە سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، خەلىپە دۆلەتكە پادىشاھ بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىدىغان بولدى. ئىسپانىيىدىكى ئۇمەييە سۇلالىسى بىلەن مىسىردىكى فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى «خەلىپە» ئاتىلىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسى بىلەن پۇت تېپىشتى. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە خەلىپىنىڭ بەزىدە قۇرق نامى قالدى. موڭغۇللار باغداتنى ئىستىلا قىلىپ ئابباسىيلار سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، مەملۇك سۇلالىسى (1250 -1517) بىر مەھەل قورچاق خەلىپە بولۇپ قالدى؛ ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئوسمانلى تۈركلىرى (ھازىرقى تۈركلەرنىڭ ئەجدادى) ئوسمانلى ئىمپېرىيسى قۇرۇپ، 1517 - يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلدى ھەمدە خەلىپىلىكنى تارتىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ (سۇلتان) «خەلىپە» دەپ ئاتالدى. 1924 - يىلىغا كەلگەندە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلىپە تۈزۈمىنى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇردى. (2) ئادەتتىكى نام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، تەسەۋۋۇپچىلارغا مەنسۇپ بولغان تىجانىيە پىرقىسىدا داھىي، قادىرىيە پىرقىسىدە چەت - يىراق جايلارغا ئەۋەتىلگەن مەسئۇل كىشىلەر، ماراكەشتە ھۆكۈمەت مەمۇرىيلىرى، تۈركىيە ۋە توگو قاتارلىق غەربىي ئافىرىقا دۆلەتلىرىدە ئوقوتقۇچى «خەلىپە» دېيىلىدۇ. (3) بېكتاش تەسەۋۋۇپچىلار پىرقىسىدە ئورنى ئاشۇ پىرقىنىڭ دايىھىسىدىن كېيىن تۇرىدىغان ئادەم «خەلىپە» دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي - دىنىي داھىيلارنىڭ نامى، ئىمام.
ئورۇن باسار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
خەلىپىخان
ئىزباسار، داۋاملاشتۇرغۇچى