Uyghur主要词典
خائۇسسىمانن
دۇنيا تارىخى
(1809 - 1891)، فرانسىيە شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدارى، ئىككىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە پارىژنى كەڭ كۆلمەدە قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى. ئەسلى قانۇن ئۆگەنگن. 1831 - 1853 يىللاردا پارىژدا ۋە باشقا ئۆلكىلەردە مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىنىپ، پارىژنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا مەسئۇل بولغان، 1870-يىلى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. 1877 - 1881 - يىللاردائاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇنىڭ لايىھىلىشى بويىچە پارىژنىڭ كونا كۈچلىرى كېڭەيتىلىپ، يېڭى كوچىلار چىقىرىلىپ، دەرخلىك چوڭ يول سىستېمىسى شەكىللەنگەن، نۇرغۇن مەركىزىي مەيدانلار بارلىققا كەلگەن ھەمدە پارىژ ئوپېرا تىياتىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى، مەركىزىي بازار قاتارلىق نۇرغۇن ئاممىۋى ئىمارەتلەر ۋە تۇرار جاي رايونى يېڭىدىن ياسالغان؛ سېنا دەرياسىدىكى قەدىمكى شەھەر ئارىلى مەمۇرىي ۋەزىپىنى مەركەز قىلى ئۆزگەرتىلگەن. شەھەر قاتنىشى ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرى زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپ، كوچا قورغانلىرىنى ياساش ئىمكانىيىتى تۈگىتىلگەن. يازغان ئەسلىمىسى بار.