Uyghur主要词典
خاتىرە تىپى
پسىخولوگىيە
بۇ ئادەمنىڭ خاتىرە جەريانىدىكى ئىپادىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتىلغان. ئۇ كىشىلەرنىڭ خاتىرە پەزىلىتى جەھەتتە ئىپادىلەنگەن پەرقلەرگە ئوخشىمايدۇ. خاتىرىنى ئۇنىڭ مەزمۇنى ياكى فىزىئولوگىيىلىك مىخانىزمى ۋە ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسىنىڭ خاتىرىدە ئوينىغان رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسلىنىپ، ئوبراز خاتىرە تېپى، تىل - لوگىك خاتىرە تىپى ۋە ئارىلاش تىپ ياكى ئوتتۇرا تىپ قاتارلىق تىپلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئوبراز خاتىرىسى تىل - لوگىك خاتىرە تىپىدىكىلەر ئىچىدىكى ياخشى بولغان كىشىلەر ئوبراز خاتىرە تىپىدىكىلەرگە كىرىدۇ. تىل - لوگىك خاتىرىسى ئوبراز خاتىرىسىدىن ياخشىلار تىل - لوگىك خاتىرە تىپىدىكىلەرگە كىرىدۇ. ئىككى خىل خاتىرە ئۈنۈمىدە روشەن پەرق بولمىغانلار ئارىلاش تىپىتىكىلەرگە كىرىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، سەنئەتكارلار ئوبراز خاتىرە تىپىدىكىلەرگە، پەيلاسوپلار، ماتېماتىكلار تىل - لوگىك خاتىرە تىپىدىكىلەرگە كىرىدۇ. قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرى، ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئىككىلا خىل خاتىرە ئۈنۈمى يۇقىرى سەۋىيىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئارىلاش تىپقا كىرىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تولىسى ئارىلاش تىپقا كىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سەزگۈ - ئىدراك، ياكى تۈرلۈك ئانالىزاتورلارنىڭ خاتىرە ئوينىغان رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، كىشىلەرنىڭ خاتىرىسى خاتىرە كۆرۈش تىپى، خاتىرە ئاڭلاش تىپى، خاتىرە ھەرىكەت تىپى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. خاتىرە كۆرۈش تىپىدىكىلەرنىڭ كۆرۈپ ئىدراك قىلغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى خاتىرە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. خاتىرە ئاڭلاش تىپىدىكىلەرنىڭ ئاڭلاپ ئىدراك قىلغان ماتېرىياللار توغرىسىدىكى خاتىرە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. باشقىلىرىمۇ شۇنداق. كۆپلىگەن كىشىلەر ئارىلاش تىپقا كىرىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، رەسساملار خاتىرە كۆرۈش تىپىغا كىرىدۇ، مۇزىكانتلار خاتىرە ئاڭلاش تىپىغا كىرىدۇ، ئۇسسۇلچىلار خاتىرە ھەرىكەت تىپىغا كىرىدۇ. كىشىلەرنىڭ خاتىرە تىپى خاتىرە قابىلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «خاتىرە قابىلىيىتى تىپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ خاتىرە تىپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ نېرۋا تىپى ۋە ئانالىزاتورلىرى قاتارلىق ئاناتومىيە - فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ئاساسەن ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا ئۆگىنىش، مەشىق قىلىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ.