Uyghur主要词典
خاش پاقا
بىئولوگىيە
جۇڭگو ئورمان پاقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قوش ماكانلىقلار سىنىپى، پاقىلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. چىشىسىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 6 - 7 سانتىمېتىر، چوڭلىرىنىڭ توققۇز سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ئەركىكى سەل كىچىكرەك. دۈمبە قىسمى توپارەڭ، سېرىق ھەم قىزىل داغلار تارقالغان، ناغرا پەردىسى يېنىدا قارامتۇل بىر ئۈچ بۇرجەك دېغى بار. تۆت پۇتىدا توغرىسىغا كەتكەن ئېنىق سىزىقلىرى بار. قورساق تەرىپى سۈت رەڭ بولۇپ، قىزىل داغلار تارقالغان. دۈمبە يان پۈرمىسى ناغرا پەردىسىنىڭ ئۈستى رەىپىدە يانغا يانتۇلاشقاندىن كېيىن، يەنە ئوتتۇرا سىزىق تەرەپكە بۇرالغان بولىدۇ. ئەركەك پاقىنىڭ يۇتقۇنچىقىنىڭ يان پەس تەرىپىدە بىر جۈپ ئىچكى ئاۋاز خالتىسى بولىدۇ. بىرىنچى بارمىقىدىكى كۈل رەڭ بارماق تەگلىكى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، <نىكاھ تەگلىكى> دېيىلىدۇ. بارماق ئارىلىقلىرىد ئۈزۈش پەردىسى بار. چىشى پاقىنىڭ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنىڭ سۇ سۈمۈرۈش مىقدارى ناھايىتى زور بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە ئېسىل قۇۋۋەت دورىسى قىلىنىدۇ. نەم، سالقىن تاغ باغرىدىكى ئورمانلاردا ياشايدۇ، قىش پەسلىدە توپلىشىپ چوڭقۇر دەريا سۇلىرىدىكى تاشلارنىڭ ئاستىدا ئۈچەككە كىرىپ باش ئەتىيازدا تۇخۇم سالىدۇ. تۇخۇمى كاللەك بولىدۇ. 800 - 1500 گىچە تۇخۇم تۇغىدۇ. ئۇ لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، ئىچكى مۇڭغۇل، سىچۇەن، گەنسۇ، چىڭخەي، سەنشى، خېنەن، سەندۇڭ، خېبېي قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. شەرقىي شىمالدىن چىقىدىغان جۇڭگو ئورمان پاقىسى دەل بازارلاردا سېتىلىۋاتقان خاش پاقىنىڭ ئۆزى بولۇپ، قۇرۇتۇپ تەييارلانغان پۈتۈن چىشى پاقىدىن ئىبارەت. قۇرۇتۇپ ياسالغان تۇخۇم توشۇش نەيچىسى خاش پاقا مېيى دېيىلىپ جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق - بەدبۇي، زەئىپلىشىپ يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. ھازىر سۈنئىي باقمىچىلىق قانات يايدۇرۇلماقتا.