Uyghur主要词典
خافرا
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنانلىقلار چىفرېن دەپ ئاتىغان. قەدىمكى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2558 - 2533). فىرئەۋىن كوفۇنىڭ ئاسراندى بالىسى. تەختتىكى مەزگىللىرىدە بۇيرۇق قىلىپ ئېھرام ياساتاقن، ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكى 138.5 مېتىر كېلىدۇ (جىزا دېگەن جايدىكى ئۈچ چوڭ ئېھرامدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ). ئېھرامنىڭ قېشىغا غايەت زور شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل (سىفىنكىس) ياسالغان بولۇپ، بۇ ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 20 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 57 مېتىر كېلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ھەيكەل غايەت زور بىر تەربىئىي ئۇيۇلتاشتىن ئويۇپ ياسالغان بولۇپ، بېشى خافرانىڭ چىرايىغا ئوخشايدىكەن، ئۇ فىرئەۋىنىڭ ھەيۋەىتىگە سىمۋول قىلىنغانىكەن.