Uyghur主要词典
خاراكتېر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە charakter خۇسۇسىيەت سۆزىدىن)
ئادەملەردە خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تەربىيە تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن تۈرلۈكچە مىجەز - خۇلق ۋە پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەر.
كىشىلەرنىڭ مىجەز - خۇلقى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئائىلە ھەم مەكتەپ تەربىيىسىدە شەكىللىنىدۇ، ئۆزگىرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. بەدىئىي ئەسەردە ئىندىۋىدۇئال خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن مۇكەممەل، ئېنىق تەسۋىرلەنگەن كىشى ئوبرازى خاراكتېر دېيىلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ئىش - ھەرىكەتكە مۇئامىلە قىلىشتا ئىپادىلىنىدىغان روھىي خىسلەت.
موھتاجلىق مىجەزنىمۇ بۇزىدۇ. قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقى ئۇندىن ئارتۇق. ھەر كىمدە بولسا گەر ياخشى تەبىئەت، ئادەملىك يۈكسەك ئۇندا ناھايەت. دۈشمەنلىكتىن ئەمەس چايان چېقىشى، شۇنداق تەبئىتى، پېئىلى، خاھىشى، ياخشى خۇلق جان ئوزۇقى. كىم تۈزىمەك بولسا جاھان خەلقنى، ئاۋۋال تۈزەتسۇن ئۆز خۇلقىنى، خۇيى تۇتسا كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەس. پەيلى ياماندىن قورق. خاراكتېرى ئوبدان بالا ھەممىگە ياقىدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ كىشىلەرنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى ھەرىكەت ئۇسۇلىدىن ( قىلىقىدىن) ئىبارەت. ئەمگەكنى سۆيىدىغان كىشى ھەرىكىتىدە چوقۇم ئەمگەكچان بولىدۇ، ئەمگەكنى كەمسىتىدىغان كىشى مۇقەررەر ھالدا ھورۇن بولىدۇ. شۇڭا ئەمگەكچانلىق بىلەن ھورۇنلۇق خاراكتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئاساسەن جەمئىيەتكە، باشقىلارغا، شەيئىلەرگە ھەم ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا توغرىلىق ياكى كۆڭلى قارىلىق، سەمىمىيلىك ياكى ساختىلىق، ئىقتىسادچىللىق ياكى ھەشەمەتچىلىك، كەمتەرلىك ياكى تەكەببۇرلۇق، باتۇرلۇق ياكى قورقۇنچاقلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان خاراكتېرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. كىشىلەرنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. خاراكتېر كىشىنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، فىزىئولوگىيىلىك تەبىئىي ئاساسىدا، ئىجتىمائىي ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا شەكىللىنىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ شەكللىنىش جەريانى ئۇزۇن، ئۇ شەكىللەنگەندىن كېيىن، بىر قەدەر تۇراقلىق بولىدۇ. كىشىنىڭ پسىخىك قىياپىتىنى گەۋدىلىك ھالدا ئەكس ئېتىدۇ. شەكىللىنىش جەريانىدىكى خاراكتېرلىك خېلى زور ئەۋرىشىملىككە ئىگە، مانا بۇ ئەۋرىشىملىك تەربىيىنى ياخشى شەرت بىلەن تەمىنلەيدۇ، خاراكتېر ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ يادروسى، شۇنداقلا ئۇ باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىندىۋىدۇئال پسىخىك ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
ئادەمنىڭ مىجەز - خۇلقى ياكى ئەخلاقىدا نامايان بولىدىغان ۋە ئادەم پسىخىكىسىدا ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئەڭ مۇھىم روھىي ھالەتلەر يىغىندىسى.
خاراكتېر يامان ئادەم.
ئۇ كىشىنىڭ خاراكتېرى نازۇك.
بىرەر نەرسە ياكى ۋەقە، ھادىسىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى؛ باشقىلاردىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان بەلگىسى، تۈپكى ماھىيىتى.
ئىنقىلابنىڭ خاراكتېرى. خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل زىدىيەت.
>ئەد< ئەدەبىيات ۋە سەنئەتتە، بىرەر تىپتىكى كىشىلەرنىڭ تىپىك، ئومۇمىي خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئوبراز؛ تىپ؛ ئالاھىدىلىك.
بۇ ھېكايىدە رىزۋاننىڭ تۈپ خاراكتېرى ئاددىي ۋە روشەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن.