Chinese→Uyghur主要词典
微生物遗传学
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملار گېنېتىكىسى
گېنېتىكىنىڭ بىر تارماق پېنى بولۇپ، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى مىكرو ئورگانىزملارنى توساتتىن ئۆزگەرتىش ۋە ئۈندەپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئىرسىيەت سىستېمىسى ۋە گېنلارنىڭ قايتا گۇرۇپپىلىشىشى، پلاسمىد ۋە ئۇنىڭ گېن قۇرۇلۇشىدىكى رولى، گېننىڭ رولى، مىكرو ئورگانىزملار مورفولوگىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە بۆلۈنۈپ يېتىلىشىنىڭ ئىرسىيىەتتىكى كونترول قىلىنىشى، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار ئىرسىيىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىرسىيەت ئىلىمىنىڭ تەرەققىياتى بىر پۈتۈن سەۋىيە ۋە ھۈجەيرە سەۋىيىسىدىن مولېكۇلا سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، مولېكۇلا ئىرسىيىتى بارلىققا كەلدى. مولېكۇلا ئىرسىيىتى باشقا ئەتراپ پەنلەر (مەسىلەن، بىئوخىمىيىلىك ئىرسىيەت، ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار) نىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتتى.