Chinese→Uyghur主要词典
微生物
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزم
پەقەت ئوپتىك مىكروسكوپ ياكى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپنىڭ يارىدىمىدە كۆرگىلى بولىدىغان مىكروجانلىق. ئۇ ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلار (باكتېرىيە، ئاكتىنومىتسېس كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە قاتارلىقلار)، ھەقىقىي يادرولۇق ئىپتىدائىي جانلىقلار (ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى، كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ، تاق ھۈجەيرىلىك يۈسۈن ۋە تاق ھۈجەيرىلىك ئىپتىدائىي ھايۋانلار) ۋە ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى بولمىغان جانلىقلار (ۋىرۇس ۋە ۋىرۇس خىلىدىكىلەر) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىكرو ئورگانىزملارنى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ تېنى كىچىك، سىرىتقى يۈزى چوڭ، تۈرى كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، كۆپىيىشى تېز، ئۆستۈرۈش قولايلىق، ئۆزگىرىشى ئاسان، ئوزۇقلىنىش تىپى كۆپ خىل ۋە مېتابولىزم كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددا ئايلىنىشتا مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە يېزا ئىگىلىك، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، يېمەكلىك ئېچىتىش، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىئولوگىيىلىك قاتارلىق پەنلەرنىڭ غايەت زور ئاساسىي نەزەرىيە مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ كەڭ ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. بىراق ئۇ ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئىسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەردە يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى بۇزۇپ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
گىئولوگىيە,دېھقانچىلىق
wēi shēng wù
مىكرو ئورگانىزمDنىفىت ئايرىش
wēi shēng wù
مىكروپ (مىكرو ئورگانىزىم)Dئورمانچىلىق
wēi shēng wù
مىكرو ئورگانىزىمDتېببىي
wēi shēng wù
مىكرو ئورگانىزم، مىكروبلارDئېلېكترون، ئۇچۇر
wēi shēng wù
مىكرو جانلىقDئۇنىۋېرسال
wēi shēng wù
مىكروئورگانىزم