Chinese→Uyghur主要词典
微生物分类学
تېببىي
wēi shēng wù fēn lèi xué
مىكرو ئورگانىزم تاكسونومىيىسى، مىكرو ئورگانىزملارنى تۈرلەرگە بۆلۈش ئىلمى
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملار تاكسونومىيىسى
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، بەلگىلىك پرىنسىپىغا ئاساسەن، مىكرو توپ ۋە تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ھەر قايسى تۈركۈملەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى، ياكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى شەرھلەش ۋە نام بېرىش ئارقىلىق مىكرو ئورگانىزملارنى تەكشۈرۈش، پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى ئېنىق بولمىغان تۈرلىرىنى بېكىتىش ئىشىنى قانات يايدۇرۇشقا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈركەملەرگە بۆلۈنۈشىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يەنە كىشىلەرنىڭ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۆزگىرىشىنى چۈشىنىشىگە ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىلەرنى تاللاش ۋە مىكرو ئورگانىزم بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش قاتارلىقلارغا ياردىمى بار.