Chinese→Uyghur主要词典
微生物生态学
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملار ئىېكولوگىيىسى
مىكرو ئورگانىزملار ئوتتۇرىسىدىكى ۋە مىكرو ئورگانىزملار بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈر توپى ئېكولوگىيىسى ۋە مۇھىت ئامىلى (فىزىكا، خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ مىكرو ئورگانىزملانىڭ رايون سىستېمىسى (تەبىئىي توپىنى كۆرسىتىدۇ) غا بولغان تەسىرى، ھەمدە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تاشقى مۇھىتقا بولغان ئەكىس تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى: مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرى ۋە مىكرو ئورگانىزملار توپىنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈش، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ بولغىنىشنى يوقىتىپ ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئادەم ۋە ھايۋانلاردا بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقتىن، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، مۇھىتنى ئاسراشتىكى رولى كۈندىن - كۈنگە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتمەكتە، شۇڭا مىكرو ئورگانىزملار ئېكولوگىيىسى ئەڭ جانلىنىۋاتقان تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
تېببىي
wēi shēng wù shēng tài xué
مىكرو ئېكولوگىيە