Chinese→Uyghur主要词典
威廉明娜
دۇنيا تارىخى
ۋىلھېلمىنا
(1880 - 1962) گوللاندىيىنىڭ كورۇلىۋاسى (1890 - 1948). داىسىسى ۋىللېم Ⅲ (1817 - 1890) ئۆلگەندىن كېيىن كورۇلىۋا بولغان، ئەمما ئۇنىڭ ئانىسى 1898 - يىلغىچە نائىپلىق قىلغان. ۋىلھېلمىنا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپلىكتە چىڭ تۇرغان. 1933 - يىلى ھىندۇنېزىيىدىكى <يەتتە ئۆلكە> قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى، بېلگىيە كورۇلى بىلەن بىرلىشىپ ئۇرۇشقا بىرلىكتە قارشى چىققان. 1940 - يىلى 5 - ئايدا گېرمانىيە گوللاندىيىگە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىپ، مۇساپىر ھۆكۈمەت قۇرغان ھەمدە مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرگەن. 1945 - يىلى دۆلىتىگە قايتقان. كېيىنكى چاغلاردا ئۆزىنىڭ تەختىنى قىزىغا بەرگەن.