Chinese→Uyghur主要词典
威廉.索尔夫
دۇنيا تارىخى
ۋىلھېلم سولف
(1862 - 1936) گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكە ئەمەلدارى. 1900 - يىلى گېرمانىيىگە قارام سامويانىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1908 - يىلى سامويالىقلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، 70 تىن ئوشۇقراق ئادەمنى قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنى مارىيانا تاقىم ئاراللىرىغا سۈرگۈن قىلغان. مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەرلىككە يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. سامويانىڭ مالىيە جەھەتتە گېرمانىيىگە تايىنىش ھالىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزگەرتكەن. كوكۇس دەرىخى تىكىشنى زورلۇق بىلەن تەرەققىي قىلغۇزغان. 1910 - يىلى گېرمانىيىگە قايتقان. كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، گېرمانىيە مۇستەملىكە مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى ۋە ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.