Chinese→Uyghur主要词典
威廉.霍布森
دۇنيا تارىخى
ۋىليام خوبسون
(1793 - 1842) ئەنگلىيىنىڭ يېڭى زېنلاندىيىدە تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ۋالىيسى (1838 - 1841). ئېرلاندىيىنىڭ ۋاتېرفورد دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ھەربىيگە قاتنىشىپ ئىلگىرى - كېيىن شىمالىي دېڭىز، ئەنگلىيە بوغۇزى، غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىق جايلاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1836 - يىلى ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋالېس مۇستەملىكە رايونىدىكى قېلىپ پورتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە ئەۋەتىلگەن. باش ۋالىي بولغان مەزگىللىرى ماۋرىلاردىن يەر بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، مۇستەملىكە ئىشلىرىنى كېڭەيتكەن. 1840 - يىلنىڭ باشلىرى، يېڭى زېنلاندىيە تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ، شىمالدىكى ماۋرىلار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ <ۋېيتانگى شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. كېيىن مالىيە، يەر مەسىلىلىرىدە ناتوغرا ئىش تۇتقانلىقتىن يېڭى زېنلاندىيە شىركىتى قاتارلىق مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چاقىرىپ كېتىلگەن. لېكىن يولغا چىقىشقا ئۈلگۈرمەي ئوكلاند شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.