Uyghur主要词典
ۋىتتېر
دۇنيا تارىخى
(1807 - 1892). ئامېرىكىلىق شائىر. ماسساچۇست شتاتىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپلا شېئىرىيەتكە ھەۋەس قىلغان. ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ يېتىلگەن. ياشلىق دەۋرىدە شوتلاندىيىلىك شائىر بۇرنىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شېئىر كىرىشكەن، تۇرمۇشنىڭ مەجبۇر قىلىشى ئارقىسىدا، موزدۇز، ئوقۇتقۇچى بولغان. 1830 - 1832 - يىللاردا <يېڭى ئېنگلاند ھەپتىلىك گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1833 - يىلىدىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش تەرەپدارىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى قۇللۇق تۈزۈمنى سۆكۈش، ئەركىنلىككە ئىنتىلىش بىلەن تولغان شۇنداقلا كاتولىك دىنى تۈسىنىمۇ ئالغان. ئاساسلىق شېئىرلىرى <ئەركىنلىك ئاۋازى>، <ئەمگەك ناخشىسى>، <ئامېرىكىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش دەۋرىدىكى شېئىرلار توپلىمى>، <قار قاپلاش> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.