Uyghur主要词典
ۋېنىزېلوس
دۇنيا تارىخى
(1864 - 1936). گرېتسىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1910 - 1915، 1917 - 1920، 1924، 1928 - 1932، 1933). كرىت ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئافىنادا قانۇن ئوقۇغان. 1897 - يىلى كرىت ئارىلىدا بولغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان، ئۇزۇن ئۆتمەي شاھزادە گېئورگېنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان. كېيىن كرىتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. ئۇ كرىت ئارىلىنىڭ گرېتسىيىگە قوشۇلۇشىنىڭ تەشەببۇسچىسىدۇر. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە چەكلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، <بۈيۈك گرېتسىيە> قۇرۇشقا تىرىشقان. 1912 - يىلى بالقان ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سۈرگەن. 1912 - 1913 - يىللاردىكى ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا، كرىت ئارىلى، تراكىيىنىڭ غەربىي قىسمى، ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنى گرېتسىيىگە قوشۇۋالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ گرېتسىيىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، گېرمانپەرەس فاڭجېنىنى يولغا قويغا كورۇل كونستانتىن Ⅰ بىلەن ئىختىلاپ تۇغۇلغانلىقتىن خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان. 1916 - يىلى سىسالونىكىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. كېيىنكى يىلى كورۇل مەجبۇرىي تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، يەنە گرېتسىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان ھەمدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1919 - يىلى سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشقا قاتناشقان ھەمدە تۈركىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان، ئىككىسىدىلا مەغلۇپ بولۇپ، 1920 - يىلى تەختتىن چۈشكەن، كېيىن يەنە ئۈچ قېتىم باش ۋەزىر بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا پادىشاھلىقىنىڭ تىرىلىشىگە قارشى تۇرغان. 1935 - يىلى كرىت ئارىلىدىكىلەرنى پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگەن، ئەمما خانپەرەسلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ۋە پارىژدا قۇربان بولغان.