Uyghur主要词典
ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىۋېنگرىيە ئىشچىلار سىنىپى پارتىيىسى. 1890 - يىلى 12 - ئايدا قۇرۇلغان. <پرېنسىپال خىتابنامە> دەپ ئاتىلىدىغان پارتىيە پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئومۇمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ لېكىن ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى قىلغان. پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئېنگېلسنىڭ ياردىمى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن توغرا لۇشيەن قوللانغان. 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېرنىشتېين رېۋىزىئونىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، بارا - بارا ئاغمىچىلىق يولىغا مېڭىپ، پارلامېنت يولى، سىنىپىي ھەمكارلىق ۋە <سوتسىيالىزمغا تىنچ ئۈسۈپ كىرىش> نۇقتىئىنەزەرىنى تەرغىپ قىلىپ، ماركسنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى تەلىماتلىرىغا قارشى تۇرغان. مىللىي مەسىلىدە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى ئاقلىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئوڭچى باشلىقلىرى بۇرژۇئا مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللىغان. 1918 - يىلى 11 - ئايدا بېلاكۇن باشچىلىقىدىكى سولچى سوتسىيال دېموكراتلار ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىنى قۇرغان. 1919 - يىلى 3 - 8 - ئايلاردا، كومپارتىيە بىلەن ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قىسقا مۇددەت ھەمكارلىشىپ، ۋېنگرىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىققان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاققىچە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1944 - يىلى 10 - ئايدا فاشىزمغا قارشى كۈرەش داۋامىدا كومپارتىيە بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېلىشىمى تۈزگەن. 1948 - يىلى 3 - ئايدا كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ۋېنگرىيە ئەمگەكچى خەلق پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。