Uyghur主要词典
ۋىنستانلېي
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1609 - 1652) ⅦⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى يەر قازغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى، خىيالىي كوممۇنىزمچى. 1649 - يىلى 3 - ئايدا سېرراي ۋىلايىتىدە <ئەنگلىيىدىكى ئېزىلگەن نامراتلار خىتابنامىسى> نى ھەممىدىن ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن يەر قازغۇچىلار ھەرىكىتى باشلانغان ھەمدە 1649 - يىلدىكى شەھەر - يېزا نامراتلىرىنىڭ كوللېكتىپ بوز يەر ئېچىش ھەرىكىتىنى ئاكتىپ قوللىغان. ئۇ بارلىق ئۇرۇشلار، قان تۆكۈش، ئوغرىلىق ۋە خەلقنى يوقسۇللۇققا گىرىپتار قىلغان قۇل قىلىش خاراكتېرلىك قانۇنلارنڭ مەنبەسى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكتىن ئىبارەت، دەپ قاراپ، يەرنىڭ ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشىنى، ھەممەيلەننىڭ ئەمگەك قىلىشىنى، ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشىنى، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. فېئوداللىق ئېزىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىپ، بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى پومېشچىكلارنىڭ خەلق ئىنقىلابىنىڭ مېۋىلىرىنى تارتىۋالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەمما خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى قورال كۈچى ئارقىلىق يوقىتىشقا چاقىرمىغان، بەلكى پەقەتلا ئوتوپىيىلىك جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى تەشۋىق قىلغان ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇنغان. ئۇنىڭ يەنە <يېڭى ئادالەت قانۇنى>، <ئەركىنلىك قانۇنى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.