Uyghur主要词典
ۋىندوبونا
دۇنيا تارىخى
پاننونىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. يەنى ھازىرقى ۋېنا. دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا بىنا قىلىنغان. دەسلەپتە كېلتلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، كېيىن رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان. رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردىن مىلادى Ⅴ ئەسىرگىچە)، رىمنىڭ دۇناي دەرياسىدا تۇرۇشلۇق فلوتىنىڭ ئاساسىي بازىسى ۋە ئارمىيىنى قوماندانلىق مەركىزى، شىمالىي چېگرىنى قوغدايدىغان تايانچ بازىسى بولغان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھون ئىمپېراتورى ئاتتىلا تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىپ، كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن؛ لومباردىيىلىكلەر ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلدىمۇ، ئۋات بولۇۋەرگەن. رىم ئىمپېراتورى، ستوئىكوي ئېقىمىدىكى پەيلاسوپ ماركۇس ئاۋرېلۇس ھەربىي يۈرۈش ئۈستىدە مۇشۇ يەردە ئۆلگەن (مىلادى 180 - يىلى).