Uyghur主要词典
ۋەزىرخان مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پاكىستاندىكى چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئورنى لاھوردا. بۇ مەسچىتنى موغۇل سۇلالىسىدىكى شاھ جاھان (1627 - يىلىدىن 1658 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدىكى پەنجاپ ۋالىسى ئەنسارى 1634 - يىلى سالدۇرغان. ئەنسارىنىڭ ئۇنۋانى «ۋەزىرخان» بويىچە ئاتالغان. مەسچىت ھويلا شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شەرق تەرەپكە ئىشىك قويۇلغان. مەسچىت بەش زالغا بۆلۈنگەن، مەركىزىي زالنىڭ ئۈستى ئاق گۈمبەز بىلەن يېپىلغان. كارىدورى چوڭ ھەم ئېگىز. تۆت بۇلۇڭىنىڭ ھەر بىرىدە سەككىز قىرلىق ئۇچلۇق مۇنار بار، مۇنارنىڭ ئۇچىدا بالكون بولۇپ، ئۇ يەردىن لاھور شەھىرىنى، شەھەر ئەتراپىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسچىتنىڭ تاملىرى ئەرەبچە نەقىش چىقىرىلغان ساپال بىلەن ئىنچىكە زىننەتلەنگەن بولۇپ، نەقىش ۋە بېزەك سەنئىتىنىڭ نادىر ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. مەسچىتكە كىرىدىغان جايغا ئەرەبچە خەت بىلەن كەلىمە تەييىبە ۋە پارسچە خەت بىلەن بېغىشلىما ۋە شېئىرلار يېزىلغان. مەسچىت ئىچىدە ئىمام قامۇ (؟ - 1828 ) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەقبەرىسى بار. ئەنسارى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مال - دۇنياسى مۇشۇ مەسچىتكە تەقدىم قىلىنغان.