Uyghur主要词典
ۋەزىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋەزىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىنىستىرلىكنىڭ باشلىقى.
گېزىت خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز چيەن چىچېن چېخوسلوۋاكىيىدە زىيارەتتە بولدى. ياخشى ۋەزىر - يۇرتقا خىزىر. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كاتماندو، 13 - سېنتەبىر بۇ يەردە مۇنداق دېدى: نىپال ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلمايدۇ.
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دۆلەتلىردە باش ۋەزىرنىڭ ئاتىلىشى. بۇ نام ئىراننىڭ ساسانىيلار سۇلالىسىدىن كەلگەن. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەنسۇر تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە تەسىس قىلىنىشقا باشلىغان. ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، زوراغالىق مەھكىمىسىگە رەھبەرلىك قىلغان، ئۆلكىلەردىكى باش ۋالىيلارنى خىزمەتكە تەيىنلەش ياكى خىزمەتتىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بولغان. ئەرەب ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئىسلام دۆلەتلىرىدە بۇ ئەمەل يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە، مەركەزدىكى نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلر ۋە ئۆلكە باش ۋالىيلىرىدا بۇ نام بولۇپ، باش ۋەزىر دەپ ئاتالغان. ئۇ ۋەزىرلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ، سۇلتاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، سۇلتاننڭ ھەربىي، ھۆكۈمەت ۋە دىپلوماتىيە ھوقۇقىنى ۋەكالىتەن يۈرگۈزگەن. باش ۋەزىرلىك مەنسىپى 1922 - يىلى تۈركىيە سۇلتانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا ئەگىشىپ ئېلىپ تاشلانغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بەزى ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ پادىشاھ ۋە خان سارايلىرىدىكى ئالىي مەنسەپ ئىگىسى.
ئوڭ قول ۋەزىر. سول قول ۋەزىر.
بەزى شەرق مەملىكەتلىرىدىكى مىنىستىر.
باش ۋەزىر. مالىيە ۋەزىرى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
يانتاياق؛ ۋازارەت باشلىقى