Uyghur主要词典
ۋەتەنپەرۋەرلەر ئۇيۇشمىسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدىكى مېيجىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە ھەممىدىن بۇرۇن قۇۇرلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك سىياسىي تەشكىلات. 1875 - يىلى 2 - ئايدا كوچىدىكى ئىرادىلىكلەر ئۇيۇشمىسى بىلەن جايلاردىك خەلق ھوقۇقى تەرەپدارلىرى بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان. دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئاران 40 ئادەم قاتناشقان. ئۇ خەلق ھوقۇقى ۋە دۆلەت ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان. پائالىيەت خىراجىتى بولمىغانلىقتىن، قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۈزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. 1878 - يىلى 9 - ئايدا يېڭىۋاشتىن قۇرۇلغان. 1879 - يىلى 3 - ئايدا تەرەققىي قىلىپ 18 ناھىيىدىكى 21 تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك پارتىيىگە ئايلانغان. 1880 - يىلى 3 - ئايدا پارلامېنت دەۋردىكى ئىتتىپاق دەپ ئاتىلىپ، پارلامېنتنىڭ تەلەپ قويۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يادرولۇق كۈچكە ئايلانغان.