Uyghur主要词典
ۋەتەن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئانا يۇرت، ۋەتەن:
ئورۇن، جاي، ماكان؛ ئۆي، ئولتۇراق جاي:
1. يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ، ۋەتەننىڭ گەۋھەرىدۇرمەن.
موللا بىلال.
2. ئالىپ قوللارىمغە بۇ مەبلەغنى مەن،
ساتىپ ئالغان ئېردىم ئۆزۈمگە ۋەتەن.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
يولۇمغە مېنى ڭكىم ئۆنۈپدۇر تىكەن،
بۇ تاغدا ۋەتەن ئەيلەمىش كۇھكەن.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەر، مەملىكەت.
<ۋەتەن> دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئۆز مەملىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
<ئەل> تۇغۇلغان يەر ۋە شۇ يەرنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ.
<يۇرت> تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياكى ئۇزاق تۇرغان يەر.
<دىيار> ئومۇمەن مەملىكەت، يۇرت.
<قەدىم جاي> ئاتا - ئانىس
ۋەتەننى سۆيۈش - ھەربىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى. كىمكى پايدا ئىزدەپ ۋەتەندىن كېتەر، خانىۋەيران بولۇپ ئۆتەر. ئەلگە باققان خار ئەمەس. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى رويۇڭ سامان بولماس. دىيارى يوقنىڭ دىدارىغا قارىما. قەدىم جايغا بېرىپ كېلەي دەيمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي، يۇرت، دىيار.
ۋەتىنىم غۇلجا. ۋەتىنىم قەشقەر.
بىر شەھەردە ۋەتەن تۇتۇپ تۇراي دېسەڭ، چوڭ شەھەردە تۇر.
ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياكى ئۆزىنى ئۇنىڭ پۇقراسى دەپ ھېسابلىغان مەملىكەت، دۆلەت.
ۋەتىنىم جۇڭخۇا ئېلى، مەن ئۇنىڭ پەرزەنتىمەن.