Uyghur主要词典
ۋەلى ئەللەھ تەلىماتچىلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېقىنقى زامان ھىندىستان ئىسلام ئىلمىي تەۋھىد ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەم سۈننىي ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەم سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرغان، ھەم ئۇنى جانلىق ئىزاھلاشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، بەزىدە <يېڭى راشىدۇنلار> دەپمۇ ئاتالدى. بۇ ئېقىمنى 18 - ئەسىردە ھىندىستاندىكى مەشھۇر ئۆلىما ۋەلى ئەللەھ (1703 - 1762) بەرپا قىلدى. ۋەلى ئەللەھنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى بولۇپ، ⅨⅩ ئەسىردىن بۇرۇن ھىندىستاندىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدە ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئىگە ئېقىم بولدى.
ۋەلى ئەللەھ ئەسەرلىرىدە دىن ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى ئەتراپلىق شەرھىلەپ، سىستېمىلىق قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئېقىمنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى سېلىپ بەردى. ئۇنىڭ ئاساسىي ئىدىيىۋى تەشەببۇسى مۇنداق: (1) مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى قايتا قۇرۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيە. مۇغۇل ھاكىمىيىتىنىڭ خارابلىشىشى بىلەن ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى كۈچلۈك سىياسىي ھامىيلىقتىن مەھرۇم بولۇپ، قانۇن ۋە تۈزۈمگە تايىنىپ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قويدىيالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا ھىندسىتاندىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتا قۇرۇشقا تايىنىپ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋەلى ئەللەھ ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى كىتابسىز ئىپتىدائىي جەمئىەت، پەيلاسوپلار يېتەكچىلىك قىلغان شەھەرلەر دۆلىتى؛ بۆلۈنۈشنى تۈگىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت؛ يەرلىك پادىشاھلىق تۈزۈمىنى چەكلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان <خەلىپە تۈزمى > دىن ئىبارەت تۆت باشقۇچقا ئايرىدى. لېكىن، ئۇ ئارزۇ قىلغان بۇ ئىجتىمائىي تۈزۈم تۆت خەلىپە دەۋرىدىن كېيىن مەۋجۇت بولماي قالدى. ھىندىستاندەك كۆپ مىللەت، كۆپ دىن مەۋجۇت بولغان دۆلەتتە ئۆز لايىقىدىكى ئىجتىمائىي نەزەرىيە بەرپا قىلىنمىغانلىقتىن، ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايىدىغان كۈچلەرگە <جىھاد> قاتارلىق شەكىللەر بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىشكە توغرا كەلدى. (2) شەرىئەتنى يېڭىۋاشتىن شەرھىلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شەرىئەت ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نىسپىي قىممەتكە ئىگە. سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىئەت ئەنئەنىسىگە تەھلىل قىلىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ، قارىغۇلارچە ئەمەل قىلماسلىق لازىم. شەرىئەتنىڭ تۆت مەنبەسى ئىچىدە <قۇرئان كەرىم> بىلەن ھەدىس خاتا بولمايدۇ. قىياس ۋە ئىجماى نىسپىي ھەقىقەتكە ئىگە. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا ھەقىقەت چېكىدىن ئاشقان ئىككى خىل چۈشەندۈرۈشنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. شۇڭا بۇرۇنقى فەقىھلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى تەھىلىل قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ئىجتىھاد روھىنى يېڭىۋاشتىن شەرھلەپ، بۇرۇنقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى تۈزىتىش لازىم. (3) ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، بىرلىكىنى كۈچەيتىش لازىم. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: شەرىئەت ئەنئەنىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بۆلۈنۈشكە ئېلىپ بارغان سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر. ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆت ئەھلى فىقھە ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئوخشاشمىغان ئىشلاردا قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش لازىم. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مىستىتسىزملىق يولى بىلەن سۈننىي مەزھىپىدىكى دىنىي قائىدىنىڭ بىردەك بولماسلىقى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب بولدى. شۇڭا ئىبىنى ئەرەببىنڭ پەلسەپىسىگە يېڭىۋاشتىن باھا بېرىش كېرەك.
ۋەلى ئەللەھ تەلىماتچىلىقى ھىندىستاندىكى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ ئىلمىي ئىدىيىسىگە كەڭ تەسىر كۆرسەتتى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ھىندىستاننىڭ غەربىي - شىمالىدا يۈز بەرگەن <جىھادچىلار ھەرىكىتى> ئاشۇ ئىدىيە تەسىرىنىڭ بىۋاستە مەھسۇلىدۇر. 18 - ئەسىردە باشلانغان <يېڭى ھەدىسچىلەر ھەرىكىتى> ۋە <يېڭى سوپىزم> لىق پىكىر ئېقىمىمۇ بىۋاستە ئىدىيىۋى مەنبە مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولدى. بۇ پىكىر ئېقىملىرى ۋە ھەرىكەتلەر تەسەۋۋۇپچىلار بىلەن ئەنئەنىچىلەرنى ماسلاشتۇرۇشتا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى. ھىندىستاندىكى سەييىد ئەھمەدخان ۋەكىللىكىدىكى <مودېرىىزمچىلار> ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان <ئالىكا ھەرىكىتى> مۇ بۇ ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.