Uyghur主要词典
ۋەلەد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەۋلاد. پەرزەنت، ئوغۇل، بالا:
بۇ دەۋلەت بىلە يوق ماڭا بىر ۋەلەد،
قارىلىقىدا قىلغاي ئىشىمغە مەدەد.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بوۋاق، بالا؛ ۋەلەدۇززىنا - زىنادىن تۇغۇلغان بالا، ھارامزەدە(جانلىق تىلدا<ۋەلىكى زىنا> دەپ ئېيتىلىدۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نىكاھسىز تۇغۇلغان.
ئۇ ھارىمىنىڭ ئاغزىنى بېسىڭلار، - دېدى ھۆرنىساخان. ئۇ ھارامزادە ئاخىر بىۋاپالىق قىلدى.